- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، كورېيە ۋەزىيىتىنىڭ تېزدىن مۇقىملىشىشىنى ئۈمىد قىلدى
2016.12.12 14:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 9-دېكابىر، كورېيە پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش ئىشنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا، كورېيە ۋەزىيىتىنىڭ تېزدىن مۇقىملىشىشىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو، كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ساد سىستېمىسى مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ئېنىق ۋە ئىزچىل. بىز، ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ، كورېيەگە ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇمىز، چۈنكى بۇ جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر