باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز «13- بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىۋېرسال دوختۇردىن 4000نى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملايدۇ

2016.12.12 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار كەسپىي كومىتېتى قۇرۇش چوڭ يىغىنى ۋە 1- نۆۋەتلىك ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلىم مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2020- يىلىدىن ئىلگىرى ئاساسىي قاتلاملار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇردىن 4000نى يېتىشتۈرىدىكەن.

  شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستتىن كەلگەن تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكى 100 داڭلىق مۇتەخەسسىس ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلىم مۇھاكىمە يىغىنغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلىم مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلىم كەسپى تەسىس قىلىنىدىكەن، ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردا ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلىم بويىچە كىلىنىكىلىق داۋالاش بۆلۈم-ئىشخانىلىرى، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بازىسى ۋە ئۇنىۋېرسال تېببىي خادىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، بىر تۈركۈم ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلىم-پەن باشلامچىلىرى ۋە ئىلىم-پەن تايانچىلىرى يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىلىپ، مەخسۇس مەھەللىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار كەسپىي قوشۇنى قۇرۇپ چىقىلىدىكەن. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئۇنىۋېرسال دوختۇرلاردىن 1500ى تەربىيەلەپ چىقىلىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر