باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قانۇن ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن كاپالىتى بولۇشى كېرەك

2016.12.12 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزى شەخسىيلەرنىڭ ياردەم سورىشىنىڭ بۇنچىلىك زور جامائەت پىكرىنى قوزغىۋېتىشى زادى قانۇننىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە بولغان ۋاكسىنا رولى جارى قىلدۇرالمايۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئەخلاققا تايانغان ئىممۇنىتېت رولى ئازاپلىق ھالدا ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىۋاتامدۇ؟

  زور تەسىر قوزغىغان «لو ئېر ۋەقەسى» نەچچە قېتىملىق ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئالاقىدار كىشىلەر ئۇنىڭدىكى بەزى پۇللارنى، يەنى، بىر قىسىم ئۈندىدار ئابونتلىرى تەرىپىدىن تارتۇق قىلىنغان پۇللارنى ئەسلى يول بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈندىدار ھەميانىغا قايتۇرۇپ بەردى، لېكىن، ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر لو ئېرنىڭ ھەرخىل تارىخىنى داۋاملىق قېزىپ، ئۇنىڭ ياردەم سوراش سالاھىيىتى، ھەتتا پەزىلىتىنى سۆكتى؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قايتۇرۇلغان پۇلنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، لو ئېرنىڭ يەنە بىر پارچە ماقالىسىنى تېپىپ، قايتىدىن تارتۇق ئەۋەتتى، بىراق، يۇقىرى تارتۇق چېكى ناھايىتى تېزلا يەنە توشتى.

  قايسى خىل ئۇسۇلنىڭ توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ناھايىتى تەس بولدى، چۈنكى، كىشىلەرنىڭ قۇبۇل قىلغىنى ئوخشاش بولمىغان «ھەقىقىي ئەھۋال» بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن توغرا بولغان ئاساسى بار. بەزىدە، بىزنىڭ ئەخلاق قارىشىمىز مۇرەككەپ مەزمۇنغا ئىگە، بۇ جەھەتتە ھەر خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئۆز ۋاقتىدا ئەيىبلىنىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن كىشى ئىمكانقەدەر ئالىيجاناب بولۇشى، ياردەم قىلغان ئادەم چوقۇم ئىنتايىن بىگۇناھ بولۇشى كېرەك، بۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئەخلاق ھەرىكىتىنىڭ تەننەرخىنى ئۆستۈرۋېتىدىغان بولغاچقا، نەتىجىدە، كىشىلەرنىڭ شىددەتلىك تاشقىن كەبى ئاقىدىغان مېھرى-مۇھەببەت دولقۇنىنى ئېھتىياجلىق جايلارغا يېتەكلەپ بېرىشقا توسقۇن بولىدۇ.

  ئەخلاق تېمىسىغا بولغان كەسكىن تالاش-تارتىشتىن باشقا، جامائەت پىكرىدىمۇ قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلىش ۋە قانۇننىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ ساداسىغا يېتىشىشىنى تەلەپ قىلىش دېگەنلەر تەبىئىي ھالدا پەيدا بولدى. «قانۇن ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكى»، بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ھېكمەتلىك سۆز، لېكىن «لو ئېر ۋەقەسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مىساللاردا، ھىچقاچان ئالدى بىلەن قانۇن ئارقىلىق بوشلۇقنى بەلگىلىۋېلىپ، ئاندىن قالغان ئىشنى ئەخلاققا قويۇپ بېرىش ئەمەس، بەلكى، ئەخلاق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئاندىن قانۇن ئارقىلىق تۆۋەن چەكنى ئىزدەش يادىمىزغا كەلدى. نۇرغۇن كىشىلەر چەتئەلدە ھەر خىل سالاھىيەت ئىلتىماسى جەدۋىلىنى تولدۇرغاندا، «سىز زەھەر چېكىپ باققانمۇ؟»، «سىزدە ھاراق ئىچىش تارىخى بارمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارغا دۇچ كەلگەن. بۇنداق مەسىلە قارىماققا ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئالدىن تەسىس قىلىنغان شەرتلەر نىسبەتەن ئىشەنچكە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. بۇنداق بولغاندا، مەسىلە چىققاندىن كېيىن، يوشۇرغانلىق بايقالغان ھامان، قانۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ قاتتىق ھەل قىلالايدۇ.

  قانۇن ھەقىقەتەنمۇ كېچىكتۈرۈش خاراكتېرىگە ئىگە، لېكىن، كۈچلۈك ھالدا بېكىتىش خاراكتېرىگىمۇ ئىگە. «لو ئېر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن قانۇنشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى مەسىلىلەرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ شەخسلەرنىڭ ئىئانە توپلىشى بىلەن شەخسلەرنىڭ ياردەم تىلىشىنى پەرقلەندۈرۈشىدىن تارتىپ، تاكى ھەق تەلەپ قانۇنى، توختام قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى دېگەندەك قانۇنلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىغا قارىتا ئېنىقلىما بېرىشى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشىغىچە، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى, ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈرلۈك قانۇنلار ئەمەلىيەتتە يېتەرلىك ئىكەنلىكىنىى، پەقەت بىز ئۇلارنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللانمايۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلىدى. نۇرغۇن شەخسلەرنىڭ قېلىپلاشمىغان ھالدا ياردەم تىلىشىنىڭ نەتىجىدە ئەڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويۇشىغا كەلسەك، ئۇلار، تەكتىدىن ئالغاندا، قانۇننىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە بولغان ۋاكسىنا رولى جارى قىلدۇرۇلمىغانلىقىدىن ۋە گەپنى ئالدىدا دېمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان. ئاخىردا ئۇلار يەنىلا ئەخلاقنىڭ ئىممۇنىتېت رولى ئارقىلىق ناھايىتى ئازاپلىق ھالدا ئۆزلۈكىدىن ساقايماقتا.

  ياردەم تىلىگەن ئادەم ۋە ياردەم سوراشنى ئېلان قىلىش سۇپىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇن جاۋابكارلىقى بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئالاقىدار سۇپىلار نىسپىي ھالدا بەكرەك ئىقتىدارلىق ۋە بەكرەك مەجبۇرىيىتى بولغان ئالاقىدار تەرەپلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە, ساخاۋەت قانۇنى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان توققۇز ئايدا، دۆلەتنىڭ تۆت تارمىقى يەنە «ئاشكارا ئىئانە توپلاش سۇپىسى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، شەخسلەر ئۆزنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر خىل سۇپىلاردا ياردەم سوراش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغاندا، سۇپىلار چوقۇم «كۆرۈنەرلىك ئورۇندا ئاممىغا خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتىپ، ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئۇچۇرلىرىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى، ھەمدە ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقىيلىقىغا ئۇچۇر ئېلان قىلغان شەخسنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ھەر خىل سۇپىلار ھازىر ھەممىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتى، ئىشلىتىش ئادىتى ۋە خېرىدار يېپىشقاقلىقى قاتارلىقلارنى تالىشىپ، مەزمۇننى تەمىنلىگۈچىلەرگە قارىتا كەڭچىلىك قىلىشقا مايىل بولماقتا. ۋاھالەنكى, بۈگۈنكى كۈندە جامائەت ئەمەلىيەتتە ئاسان تەكشۈرگىلى ۋە ئىشەنگىلى بولىدىغان، شۇ ئارقىلىق، ئەخمەقلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان مەزمۇنلارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. گەرچە ۋاقتىنچە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىغان بىلەن، خۇددى «باشقۇرۇش چارىسى»دا تەلەپ قىلىنغىنىدەك، ئۇچۇرنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىتا مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش رولى بولۇشى كېرەك. بۇنى كۆرۈپ يەتمىگەندە، سۇپىلارنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىيات كەلگۈسىنىمۇ كۆرۈپ يەتكىلى بولمايدۇ. ئوخشاشلا, ھەر دەرىجىلىك ئىدارە قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارقىتىش سۇپىسى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھازىرقى قانۇندىن تولۇق پايدىلىنىشمۇ يېتىشىۋېلىشقا تىگىشلىك تېما.

  بىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاق سەۋىيەمىزگە ئىشىنىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەرەققىياتىمىزنى تېخىمۇ چۈشىنىشىمىز كېرەك. «ئوتتەك قەلب» ناملىق كىنودا، ساقچى يى گۇچۈن مۇنداق دەيدۇ: «مەن قانۇننى ياخشى كۆرىمەن. قانۇن خۇددى ئادىمىيلىكنىڭ تۆۋەن كاپالىتىگە ئوخشايدۇ، ئۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە بىر خىل تەربىيە. ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ ئېنىق بىر چېگراسىنى ئايرىپ، قانۇننى قانۇنغا، ئەخلاقنى ئەخلاققا تەۋە قىلساق، نۇرغۇن ئىشلار ئۇنچە مۇرەككەپ بولمايدۇ. قانۇن زۆرۈر بولمىغان ئىجتىمائىي ھەمكارلىق تەننەرخىنى ھەزىم قىلىۋەتكەندە، ئەخلاق ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى پاكلايدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر