باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لوپ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

2016.12.12 18:29   مەنبە: خەلق تورى

لوپ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساس مائارىپ بۆلۈمىدىن تۆمۈر قادىرى خەۋىرى) يېقىندا، لوپ ناھىيەسىنىڭ مائارىپ بۆشۈكى بولغان لوپ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەكتەپنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكىسىگە ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا-بازار رەھبەرلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، قېرىنداش مەكتەپلەرنىڭ ياچېيكا شۇجىلىرى، مۇدىر، ئىلمىي مۇدىرلىرى، بۇ مەكتەپتە ئىشلەپ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن باشقا ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ كەتكەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار، ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ھازىر ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ھەمدە بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر شەخسلەردىن بولۇپ 3000 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

  لوپ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 1956-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ چاغدا 18 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى، ئالتە سىنىپ، 270 ئوقۇغۇچى بار ئىدى.

  مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 60 يىل مابەينىدە، مەكتەپنىڭ كۆلىمى، رەھبەرلىك قاتلىمى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، مەكتەپ شارائىتى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئوقۇغۇچى كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى ساپاغا ئىگە قابىل ئوقۇتقۇچىلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇ مەكتەپكە جەلپ قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يىلدىن-يىلغا تولۇقلاندى ۋە سەرخىللاشتى. لوپ ناھىيەسىگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىۋاتقان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 130 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن 2011-يىلى «بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونى»دىن 300 مو يەر ئاجرىتىلىپ، يېڭى مەكتەپ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. ئىككى يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، 66 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە ئالتە قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، تۆت قەۋەتلىك تەجرىبىخانا بىناسى، ئۈچ قەۋەتلىك كۇتۇپخانا بىناسى، تۆت قەۋەتلىك تۆت يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئىككى قەۋەتلىك ئىككى يۈرۈش ئاشخانا بىناسى، ئالتە قەۋەتلىك ئۈچ يۈرۈش ئائىلىلىكلەر بىناسى يېڭى مەكتەپ رايونىدا يېڭى قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، 2013-يىلى 4-ئايدا رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. دەرسخانا، تەجرىبىخانا، ئىشخانىلارغا زامانىۋى ئۆلچەملىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەندى ۋە تولۇقلاندى. مەكتەپ قورۇسىنى قاتۇرۇش، كۆكەرتىش، يېشىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلۇپ، 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانى ئۆز قەرەلىدە پۈتكۈزۈلدى. نۆۋەتتە، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى 222 گە، سىنىپ سانى 84كە، ئوقۇغۇچىسى 3539 غا يەتكەن بولۇپ، لوپ ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپى مول تەجرىبىلەر توپلانغان، ئىختىساسلىقلار جەم بولغان، شارائىتى ھەر جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن، مەكتەپ باشقۇرۇش قېلىپلاشقان، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەڭگۈ قۇرىماس ئىلىم-مەرىپەت بۇلىقىغا، ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىلىم گۈلزارىغا ئايلاندى. مەكتەپنىڭ 60 يىللىق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، نەچچە ئەۋلاد مۇنەۋۋەر مائارىپچىلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىي يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزىگە خاس تەجرىبە يارىتىپ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشتى. تۈزۈم قۇرۇلمىسىنى پائال ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلاپ، ئىلمىي مەكتەپ باشقۇرۇشقا باب كېلىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولىدا ھارماي ئىزدىنىپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ئىلىم-پەن بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە، خەلق تاپشۇرغان مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، تارىخ بېتىدە خاتىرىلەشكە، تەنتەنە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك شانلىق سەھىپىلەرنى قالدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن 100 نەچچە قېتىم تۈرلۈك ناملار بىلەن مۇكاپاتلاندى ۋە تەقدىرلەندى.

  مەكتەپنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەبرىك سۆزى قىلدى، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى تەسىرلىك ئەسلىمىلىرىنى ئوقۇپ، ئانا مەكتىپىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشتى. بىرقىسىم مەكتەپداشلار ۋە مەرىپەتپەرۋەر شەخسلەر نەقپۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·كېلەر يىلى 8 مىليون ئىستۇدېنت مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەيدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى دىپلوم تارقىتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى باغلىۋېلىشقا بولماي…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى يەرلىك مەمۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا بولى…
    ·مائارىپتا مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ 
    ·كەسپىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى باشلانغۇچ  ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·2017- يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىليون 95…
    ·ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقا…