12- ئاينىڭ 11- كۈنى, تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە كىشىلەر قازا قىلغان ساقچىنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ ماڭماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭلىسى يىلدىرىم 11- دېكابىر ئۇقتۇرۇشقا ئىمزا قويۇپ، 11- دېكابىرنىڭ تۈركىيەنىڭ مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىنغانلىقىنى، 10- دېكابىر ئىستانبۇلدا بومبا ھۇجۇمىدىكى 30 نەپەر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 نەپەر قازا قىلغۇچىغا تەزىيە بىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى