خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو- ئەرەب دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى 12- دېكابىر بېيجىڭدا ئومان- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئومان دۆلەت كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى سەيىد بىلەن كۆرۈشتى. ئەركىن ئىمىرباقى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى