باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 200 گە يېقىن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى

2016.12.12 18:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلنىڭ شەھەر مەركىزىدە 10- دېكابىر كېچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان، ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن پارتلاشتا 29 كىشى قازا قىلىپ، 166 ئادەم يارىلاندى، دېدى.

  ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن پارتلاش ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش رايونىدىكى بىر تەنتەربىيە سارىيىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەچچە ئون سېكۇنت ئىچىدىلا يۈز بەردى. سۇلايمان ئۇ پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ بىر زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساقچىلىرى ئىشلىتىدىغان چوڭ ئاپتوبۇسقا قارىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىملىقىنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ ماشىنا بومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، پارتلاشتا ئاز دېگەندىمۇ 27 نەپەر ساقچى ۋە ئىككى نەپەر ئاددىي پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىقنى ئېيتتى.

  سۇلايمان ساقچى تەرەپنىڭ 10 نەپەر پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلغۇچى گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  «كۇرد ئەركىن بۈركۈتى» تەشكىلاتى 11- دېكابىر ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا 10- دېكابىر يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى كەچتە، نەچچە مىڭ ئادەم ئىستانبول كوچىلىرىغا چىقىپ، تېررورلۇق قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر