باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاچچىقتا كېسىلگەن ئەقىل

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئاينۇر ئابدۇللا

2016.12.12 16:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىنايەت گۇماندارى ئايۇپ 2016-يىل 14-نويابىر سائەت 13:30لەر ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ كۈمۈش رەڭلىك «سانتانا 2000» ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، زىيانلانغۇچى مىجىتنى ئاپتوموبىلىغا سېلىپ، كورلا شەھىرىنىڭ مەلۇم ئولتۇراق رايونى ئالدىدىكى چوڭ يول ياقىسىدا ئاپتوموبىلىنى توختاتتى، ئۇلار ئاپتوموبىل ئىچىدە ئايۇپنىڭ كىملىكىدىكى چېكىتىنى يۇيۇش ئىشى توغرىلىق تاكاللىشىپ قالدى.

  زىيانلانغۇچى مىجىت جىنايەت گۇماندارى ئايۇپنى ھاقارەتلىگەندىن كېيىن، ئايۇپ ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ نەرسە-كېرەك قويىدىغان جايىدىكى ئاپتوموبىل سۈرتىدىغان لۆڭگىگە ئوراپ قويۇلغان قوي سويۇشتا ئىشلىتىدىغان پىچىقىنى قولىغا ئېلىپ، پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇردى. مىجىت ئاپتوموبىل كەينىدىكى ئورۇندا جىنايەت گۇماندارى ئايۇپنى ھاقارەتلىگەچ، تېلېفون ئويناپ ئولتۇردى. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئايۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ، مىجىتنىڭ قورساق قىسمىغا ئىككى قېتىم پىچاق تىقتى. مىجىت ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ قېچىپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا، ئايۇپ ئاپتوموبىلنى ئايلاندۇرۇپ كېلىپ، مىجىتنى سوقۇۋېتىپ قېچىپ كەتتى.

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، «دەلىل-ئىسپاتلار باغلىنىشلىققا، قانۇنىيلىققا ئىگە، دېلودىكى دەلىل-ئىسپاتلار بىر-بىرىگە ماس بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ زىيانلانغۇچىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، پاكىتى ئېنىق. قامىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئەھۋاللارمۇ يوق بولۇپ، مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانسا، بەزى زىدىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، قولغا ئېلىش شەرتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ» دەپ قاراپ، قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

  كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر