باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

51- تۈەن- مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدىكىلەر بىلەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزدى

2016.12.14 15:24   مەنبە: خەلق تورى

51- تۈەن- مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدىكىلەر بىلەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (تۇمشۇق شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: ئۆمەرجان تۇرسۇن، پاشاگۈل كېرەم خەۋىرى) بىڭتۈەن 3- شى 51- تۈەن- مەيدانى 15 -ليەن باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇسائېلى سەمەتكە يېقىندا ئاق قان كېسىلى دەپ دىياگنوز قۇيۇلدى، مۇسا ئېلى ئەسلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ئوقۇغۇچى ئىدى. بۇ يىل 11-ئايدا مۇسائېلى ئۇدا قىزىتىپ، كۆپ قېتىم داۋالانسىمۇ يەنىلا ياخشىلىنىش بولمىدى. ئاخىرى ئۇنى ئۈرۈمچى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا يۆتكەپ تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا يامان سۈپەتلىك ئاق قان كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويۇلدى. بۇ كېسەلنىڭ خەۋىرى ئەسلىدىنلا ئائىلە ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولمىغان ئائىلىگە ئېغىر كۈلپەت ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن بۇ ئائىلە پۈتۈن بىساتىدىن ئايرىلىپ، كۆپلىگەن قەرزگە بوغۇلدى.

  51-تۈەن- مەيدانى 4- باشلانغۇچ مەكتىپى، 15-ليەن ئوقۇتۇش نۇقتىسى ۋە ليەن كادىرلىرى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار بىمارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزدى.

  مەكتەپ كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، مۇسا ئېلىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە، سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشكە مۇراجىئەت قىلدى. ھازىرغا قەدەر 11 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل يىغىلدى، مەكتەپمۇ پۇل ئىئانە قىلىش تەدبىرىنى توزۇپ چىقىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلدى
    ·كېلەر يىلى 8 مىليون ئىستۇدېنت مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەيدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى دىپلوم تارقىتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى باغلىۋېلىشقا بولماي…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى يەرلىك مەمۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا بولى…
    ·مائارىپتا مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ 
    ·كەسپىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى باشلانغۇچ  ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·2017- يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىليون 95…
    ·ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خى…