باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نەنجىڭدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا 2016- يىللىق دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2016.12.14 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 12- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا 2016- يىللىق دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز بۇ يەردە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە داغدۇغىلىق تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان بىگۇناھ كىشىلەرنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىشىغا ئۇچراپ قازا قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە مىللىي قەھرىمانلارنى ئەسلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆتمۈشنى ئۇنۇتماي تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇستەھكەم مەيدانىنى رەسمىي ۋە تەنتەنىلىك ھالدا بىلدۈرۈۋاتىمىز.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر