باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈندىن باشلاپ تۇرالغۇدىن باشقا ئۆيلەرنىڭ يەر خېتى بېجى ياردەم پۇلى ئىلتىماسى مەركەزلىك قوبۇل قىلىنىدۇ

2016.12.15 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە (دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆز ئىچىگە ئېلىنمايدۇ)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇلاقتاغ رايونلۇق سودا مۇئامىلە زالى (شىخۇڭ شەرقىي يولى 399-نومۇر)دا تۇرالغۇدىن باشقا ئۆيلەرنىڭ يەر خېتى بېجى ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى مەركەزلىك قوبۇل قىلىدۇ، تۇرالغۇ تۈرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ مالىيە يەر خېتى بېجى ياردەم پۇلى كەسپى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.

  13-دېكابىر، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرالغۇدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ مالىيە يەر خېتى بېجى ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى 12- ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، بۇ ئىدارە تۇرالغۇدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ مالىيە يەر خېتى بېجى ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان.تۇرالغۇ تۈرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ مالىيە يەر خېتى بېجى ياردەم پۇلى (يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كەسپىنى بېجىرىش خىزمىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىدۇ، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر