باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1-مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى تارقاتتى

2016.12.15 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1-مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1-مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  1-ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1-مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار قائىدە-نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

  2-ماددا بۇ بەلگىلىمە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

  3-ماددا پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1-مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇشى؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزنى قانۇننىڭ ئورنىغا قويۇشقا، ھوقۇق بىلەن قانۇننى بېسىشقا، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇشقا قارشى تۇرۇشى؛ بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇشى؛ ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنىڭ جاۋابكارلىقى بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قانۇنغا، تايىنىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  4-ماددا پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 1-مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەشكىللىگۈچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئاڭلىق تەتبىقلاپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۆزى سۈرۈشتۈرۈپ، مۇھىم ھالقىلارنى ئۆزى ماسلاشتۇرۇپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر