باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 79نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.12.15 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 14-دېكابىر ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 79نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار 28 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار ئىچىدە، «دۆلەتنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش» ، «يېزا ئىگىلىكىگە دائىر مەبلەغنى يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش» ، «خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش»، «تولۇقلىما پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش» قاتارلىق ئاممىنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش دېلوسىدىن 51ى بار بولۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلونىڭ يېرىمىدىن ئاشتى؛ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك مەسىلىسىدىن «نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش» ، «نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش»، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قەرز پۇلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ بېجىرىش» قاتارلىق 10ى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر