باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شاخلىتىپ سېتىشقا ئائىت جىنايەت دېلوسىدىن 2826 دېلونى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى

2016.12.15 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- دېكابىر ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شاخلىتىپ سېتىش جىنايىتى، بولۇپمۇ توردا شاخلىتىپ سېتىشتەك يېڭى تىپتىكى جىنايەت پائالىيەتلىرى يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەتكە قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ توردا شاخلىتىپ سېتىشتەك يېڭى تىپتىكى جىنايەت تۈرلىرىگە قارىتا زەربە بېرىشنىڭ مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە, بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى 2826 قېتىملىق شاخلىتىپ سېتىش جىنايىتى دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.1 ئاشقان، «توردىكى ئالتۇن جەملىمە نومۇر»، «كارات پۇل»، «تۇرغۇن يۇلتۇز پۇلى»، «ئېلىپ-سېتىش گۆھىرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ دېلولار مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىندى.

  نۆۋەتتە، تورغا تايانغان شاخلىتىپ سېتىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆت ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنمەكتە: بىرىنچىسى، تارقىلىشى ناھايىتى تېز، چوڭ ۋە مۇھىم بولغان دېلولار كۆپ يۈز بەرمەكتە. شاخلىتىپ سېتىش ئۇچۇرلىرى ئادەتتە ئالاقە تورى ۋە مىكرو بلوگ، ئۈندىدار، QQ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىغا تايىنىپ، تور بوشلۇقىدا كەڭ تارقىلىپ، شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكەتلىرىنى تېز سۈرئەتتە يامرىتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور مەبلەغ يىغىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەرنى قاتناشتۇرۇپ، ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتكە يامرىتىپ، جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان سالماقتا. بۇ يىلدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 30 نەچچە دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  ئىككىنچىسى، ئۇلارنىڭ نامى كۆپ، قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرى كۈچلۈك. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «مەۋھۇم پۇل»، «پۇل مۇئامىلە ياردىمى»، «مىكرو سودا»، «مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ساخاۋەتچىلىكى» قاتارلىق ناملاردىن پايدىلىنىپ، توردا شاخلىتىپ سېتىش جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا، كۆپىنچىسى «پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش» نامىدا، «بۆلەكلەرنى ئۇلاش تېخنىكىسى»، «سېفىرلىق مۈلۈك»، «ئېلېكتىرونلۇق سودا»، «مىكرو سېتىقچىلىق» قاتارلىق ئۇقۇملارنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرمەكتە. بۇ يىلدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 150تىن ئارتۇق «مەۋھۇم پۇل» تۈرىدىكى شاخلىتىپ سېتىش جىنايەت دېلولىرىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىدى، 60تىن كۆپرەك «پۇل تۈرى» چېتىلدى.

  ئۈچىنچىسى، ئۇنىڭ ئېزىقتۇرۇش، ئالدامچىلىق خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك. كۆپىنچە «ھەرىكەتچان پايدا»، «تۇرغۇن پايدا»، «پايدا قايتۇرۇش» قاتارلىق ناملار بىلەن، يۇقىرى پايدا قايتۇرۇشقا ۋەدە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇش ھەم داۋاملىق تۆۋەنگە قاراپ تەرەققىي قىلىش مەقسىتىدە، ئامما قاتناشقان دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپ ھاللاردا مەلۇم پايدا بېرىپ، «پايدا چىقىدىغان» ساختا ھالەت پەيدا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق خېلى چوڭ جەلپ قىلىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ.

  تۆتىنچىسى، «كەسىپلىشىش» ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك. شاخلىتىپ سېتىش تور بېكىتى قۇرۇش ئاددىي، كۆپەيتىش خاراكتېرى كۈچلۈك، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ياكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نۇرغۇن شاخلىتىپ سېتىش سۇپىسىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ، كەسپىي «مەشغۇلاتچىلار» بار بولىدۇ. بۇ كىشىلەر جىنايەت ۋاسىتىلىرى ۋە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك روھىي ھالەتلىرىگە پىششىق، ئۇلار بىر قىسىم كەسپىي شاخلىتىپ سېتىش شايكىلىرىدىن پايدىلىنىپ «كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش»نى يولغا قويۇپ، ھەدەپ خادىم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غالجىرلىق بىلەن بايلىق توپلىماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر