باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈشنى كۈتۈۋالدى

2016.12.15 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 14-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمى ئىمزالىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يېقىندا خەلقئارا بازاردىكى ماي باھاسىنىڭ بىر قەدەر چوڭ نىسبەتتە ئۆسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەييار ماي باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى بويىچە، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسى 435 يۈەن، ھەر توننا دىزېلنىڭ باھاسى 420 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

  مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە نىسبەت بىلەن قارىغاندا، 90-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.32 يۈەن، 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.34 يۈەن، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.36 يۈەن، 0-نومۇرلۇق دېزىلنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.36 يۈەن ئۆستۈرۈلدى.

  نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى(OPEC)غا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن (OPEC)غا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىرلىشىپ 10-دېكابىر سەھەردە ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىمزالانغان ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمى بولۇپ، خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى بۇ يىل ئىچىدە 9-قېتىم ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى ۋە 2012-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈش بولدى. ماي باھاسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۆسۈش نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى نىسبەتتە ئۆسۈشى بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى 2012-يىلى 9-ئايدا يۈز بەرگەنىدى، شۇ چاغدا ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسى 550 يۈەن، ھەر توننا دېزىلنىڭ باھاسى 540 يۈەن بولغان.

  بۇ قېتىم ماي باھاسى زور نىسبەتتە ئۆسكەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى ئومۇميۈزلۈك «ئالتە يۈەن» دەۋرىگە قايتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ماي ئىشلىتىش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئۆستى. ئادەتتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ ماي باكىنى 50 لېتىر دەپ ھېسابلىغاندا، باكنى بېنزىن بىلەن تولدۇرۇپ قاچىلاش ئۈچۈن 17 يۈەن ئارتۇق چىقىم قىلىدىغان بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر