خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) «مەملىكەتلىك ‹ئاساسىي قانۇن› تەشۋىقات كۈنى پائالىيتى مۇناسىۋىتى بىلەن پوسكام ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 40دىن ئارتۇق ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 12-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «‹قاتناش قانۇنى›غا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ بىخەتەر، مەدەنىي يول يۈرەيلى» تېمىسىدا قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. پائالىيەتتە قاتناش ھادىسىلىرى مىسال قىلىپ ئىشلەنگەن تەشۋىقات دوسكىلىرى كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار قاتناش بىخەتەرلىكى پىلاكاتىغا ئىمزا قويۇش، ھەرقايسى سىنىپ كوللېكتىپى بويىچە كوللېكتىپ قەسەم بىرىش، تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش، قارا دوسكا ئىشلەش، قاتناش ھادىسىلىرىگە ئائىت فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قاتناش قائىدىسىگە بولغان ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
سۈرەتتە: 12- ئاينىڭ 15–كۈنى، كۇيباغ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قاتناش قائىسىدىگە رىئايە قىلىشقا دائىر سۈرەتلىك تەشۋىقات جازىسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى