خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش پويىز بېلىتى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىللىق چاغان بىر قەدەر بالدۇر كېلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار، ياقا يۇرتلۇق ئىشلەمچىلەر ۋە ئادەتتىكى يولۇچىدىن ئىبارەت يۇرتىغا قايتىدىغان ئۈچ خىل يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى دولقۇنى بالدۇر كېلىش، ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، پەللىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلىدىكەن. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى تىرانسپورت باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئىلگىرىكى يولۇچىلارنىڭ چاغاندىن بۇرۇنقى يول يۈرۈش تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، يولۇچىلار ئادەتتە چاغاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن سىرتقا چىقىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىق شىنجاڭدىن چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولىدۇ، چاغانلىق پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە مەركەزلىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى