- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
توققۇز ئۆلكىدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى
2016.12.14 14:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 13- دېكابىر، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە ۋە شېنجېن شەھىرىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ۋە سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. شاڭخەينىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2190 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 21 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
ئىجرا قىلىش ۋاقتىدىن قارىغاندا، بۇ يىل بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، لياۋ نىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، شەندۇڭ، خەينەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.
مۇخبىر رەتلەش جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىغان: 2014-يىلى، مەملىكەت بويىچە 19 رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن؛ 2015-يىلى، مەملىكەت بويىچە 27 رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن .
«ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسلانغاندا، ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى كەم دېگەندە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەڭشىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر