باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوۋاق ئېلىپ سېتىشقا ئائىت پەۋقۇلئاددە زور دېلو ئۈستىدە ج خ مىنىستىرلىقى يەتتە ئۆلكىدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ دېلو پاش قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى

2016.12.14 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- دېكابىر ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى كۈنى, ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، فۇجيەن, جياڭشى, گۇاڭدۇڭ ۋە يۈننەن قاتارلىق يەتتە ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەركەزلەشتۈرۈپ تور يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بوۋاق ئېلىپ سېتىشقا ئائىت بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە زور دېلونى پاش قىلىپ، 157 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن 36 نەپەر بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.

  مەخپىي رازۋېدكا قىلىش ۋە زىيارەت قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بۇ دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت شايكىسىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى، جىنايەت تورى ۋە گۇماشتىلار تەركىبىنى تەدرىجىي ئېنىقلاپ چىقتى، ھەمدە 2014 ـ يىلىدىن بۇيان جىنايەت گۇماندارى شيۇڭ XX ۋە خۇ XX قاتارلىقلارنىڭ جاڭ XX ۋە تەن XXلار ئارقىلىق نەچچە ئون نەپەر بوۋاقنى ئېلىپ سېتىپ، بۇ ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا ھارام پايدا ئالغانلىقىدەك جىنايى پاكىتىنى ئىگىلىدى. يېقىندا, ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دېلوغا چېتىشلىق بولغان فۇجيەن, جياڭشى, گۇاڭدۇڭ ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى بۇ مەخسۇس دېلونى مەركەزلەشتۈرۈپ تور يىغىش ھەرىكىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، 157 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن 36 نەپەر بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. نۆۋەتتە, مەزكۇر دېلونى پاش قىلىش خىزمىتى قانۇن بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ, قاتتىق زەربە بېرىپ، بوۋاقلارنى ئېلىپ سېتىش دېگەنگە ئوخشاش ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان ھەر خىل جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، «ئادەم بېدىكلىرى»نى قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىدىكى «ئېلىم- سېىتىم بازىرى»غا زەربە بېرىپ، تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «خېرىدار»لارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر