باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى قاتارلىق تور بېكەتلەر 2017- يىللىق «زۇڭلىغا دەيدىغان بىر جۈملە سۆز» نامىدىكى ئەقىل توپلاش پائالىيىتىنى باشلىدى

2016.12.21 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى، خەلق تورى، شىنخۇا تورى, مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو گېزىتى تورى, نۇر تورى، تېڭشۈن تورى, ۋاڭيى تورى، سوخۇ تورى, سۇمرۇغ تورى, بۈگۈنكى باشماقالە, كىچىك ئۇچۇر, شىنلاڭ مىكرو بىلوگى, ئۈندىدار قاتارلىق 22 تور ئاخبارات ۋاستىلىرى، شۇنىڭدەك قىسمەن مىنىستىرلىق-كومىتېتلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە تور بېكەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «زۇڭلىغا دەيدىغان بىر جۈملە سۆز» نامىدىكى ئەقىل توپلاش پائالىيىتىنى باشلاپ، تورداشلارنىڭ 2017- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قارىتا تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. بۇ پائالىيەت كېلەر يىلى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدۇ.

  بۇ جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 3- يىلى تور ئەھلىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى بولۇپ، بۇنىڭدا، 2016- يىلى، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ 93 جايىدىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايان بىلەن تور ئەھلىنىڭ تەكلىپى يۈكسەك دەرىجىدە ماس كەلدى. «ئىككى يىغىن»دا زۇڭلىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، زۇڭلى لى كېچياڭ تورداشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلىگە، يەنى، مەملىكەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تورلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە جاۋاب قايتۇرۇدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى, ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى, ھەمدە باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بېجىردى ھەمدە تور ئەھلىلىرىنىڭ زۇڭلىغا قالدۇرغان سۆزلىرىگە جاۋاب بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر