باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2016.12.21 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 19-، 20-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «13-بەش يىل» نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنىپ، 2017-يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن خېلى ياخشى، كېلەر يىلى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە داۋاملىق ئومۇمىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش سىگنالىنى سىجىل كۈچەيتىش؛ يېڭى ۋەزىيەتتىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، كەسىپ ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ ياخشىلاش؛ يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن ئۆزئارا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىلەن كۆپ ساندىكى ئاددىي دېھقانلارغا غەمخورلۇق قىلىش؛ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ «ئىككى قول» لۇق رولىنى ماس جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىسلاھاتتا ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر