باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى قانۇن تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2016.12.21 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ 20-دېكابىر «تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى قانۇن تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشتىكى قانۇن ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بېكىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈردى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ پىكىر يەتتە بۆلەك، 36 ماددىغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: تېلېگراف تور تېخنىكىسى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىپ، ئومۇمنىڭ ۋە شەخسنىڭ 3000 يۈەندىن يۇقىرى قىممەتتىكى پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن «سوممىسى بىر قەدەر كۆپ»، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى قىممەتتىكى پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىش «سوممىسى زور»، 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى قىممەتتىكى پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىش «سوممىسى ئالاھىدە زور» دەپ بېكىتىلىدۇ. ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە كۆپ قېتىم تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنماي، ئالدامچىلىق سوممىسىنى قوشقاندا جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلار قانۇن بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازالىنىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تېلېگراف تور ئالدامچىلىق سوممىسى مۇناسىپ ئۆلچەمگە يېتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈۋېلىش، ئۆلۈش ياكى روھىي نورمالسىزلىق قاتارلىق ئون ئەھۋالنىڭ بىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى ئەھۋالغا قاراپ ئېغىر جازالاش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى جازا ئۆلچەشنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە بۇ تۈردىكى دېلولارغا قاراپ چىققاندا، جازا ئۆلچەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئاساسىي جازاسىنى بېكىتكەندە، ئادەتتە يۇقىرى ئۆلچەمدىن تاللىشى كېرەك. تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايى جاۋابكارىغا تەتبىقلىنىدىغان جازا كېچىكتۈرۈش دائىرىسى، شەرتىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر