باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە ھازىرچە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات يوق

2016.12.21 16:52   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە ھازىرچە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات يوق

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 20-دېكابىر سائەت 18:04 ئۆتكەندە شىنجاڭ باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىدە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى توققۇز كىلومېتىر كېلىدىكەن. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 37.25 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 84.18 گىرادۇسقا جايلاشقان، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2500 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، چەرچەن ناھىيەسىگە 120 كىلومېتىر، نىيە ناھىيەسىگە 190 كىلومېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ جايدىكىلەر يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويغان، ئالاقىدار ئورۇنلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىۋېتىپتۇ. مۇخبىر خەۋەر بەرگەنگە قەدەر، بۇ جايدىكى ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى دوكلاتى تاپشۇرۇۋېلىنمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر