باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى دالايلارنىڭ پىتىراپ زىيارەتكە كېلىشىگە يول قويمايمىز، دېدى

2016.12.21 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى نېڭك ئورگۇل يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: موڭغۇل جۇمھۇرىيىتى سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ھۆكۈمەت 14-ئەۋلاد دالاي لامانى ئەزەلدىن تەكلىپ قىلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەكلىپ قىلمايدۇ، دىنىي يول بىلەن ماقۇللانغان تەقدىردىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دالايلارنىڭ موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە كىرىشىگە يول قويمايدۇ.

  نېڭك ئورگۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 14-ئەۋلاد دالاي لاما بۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇلىيە گەندېن ئىبادەتخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە زىيارەتكە كەلگەن، بۇ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىدە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلدى، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق ئۆكۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. موڭغۇلىيە دائىرلىرى جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ۋە ئالاقىدار سۆھبەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن پائال تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. موڭغۇلىيە دائىرلىرى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە شىزاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماش بىر قىسمى، دەپ قارىدى.

  موڭغۇلىيە دائىرلىرى جۇڭگونىڭ كۆپ قېتىم توسقىنىغا قارىماي، 14-ئەۋلاد دالاي لامانىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە زىيارەتكە بېرىشىغا يول قويغان.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 20-دېكابىر 14-ئەۋلاد دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سورىغا سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دالاي گۇرۇھىنىڭ ئېلىمىزگە قارشى تۇرۇش بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ دالاي لامانىڭ پىتىراپ زىيارەت قىلىشىنىڭ سەلبىي تەدبىرىنى تۈگىتىشكە ئۈندىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر