باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ توردا شاخلىتىپ سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى

1117 كىشىنىڭ 30 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇلى ئالداپ كېتىلگەن

2016.12.21 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالسىڭىز، ئۈچ ئايدا دەسمايىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسىز، ئالتە ئايدا 160 مىڭ يۈەن، توققۇز ئايدا 640 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايسىز … مۇشۇنداق «ياخشى ئىش»قا يولۇقسىڭىز، بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە چيەنكۈن كېداۋ شىركىتىنىڭ يالغان گېپىگە ئىشەنگەن 1117 كىشىنىڭ 30 مىليون يۈەنگە يېقىن ئامانەت پۇلى ۋە باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغان پۇلى ئالداپ كېتىلگەن. 19-دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا تارماق ئەترىتى بىرىنچى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو چيەنكۈن كېداۋ گۇرۇھى باش شىركىتىنىڭ غەربىي شىمال رايونى باش دىرېكتورى ياڭ فامىلىلىكنى شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىنغان.

  بۇ يىل 6-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئىقتىسادىي رازۋېدكا باش ئەترىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ جۇڭگو چيەنكۈن كېداۋ شىركىتىنىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش دېلوسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا تارماق ئەترىتى بىرىنچى چوڭ ئەترىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىدىنلا 1117 كىشىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى ئىگىلىگەن. ئارقىدىن، ساقچىلار دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، چيەنكۈن كېداۋ گۇرۇھى باش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى دىرېكتورى، لېكتور جاۋ فامىلىلىك سانجىدا قولغا چۈشكەن. 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ غەربىي شىمال رايونى باش دىرېكتورى ياڭ فامىلىلىك بېيجىڭدا قولغا چۈشۈپ، ئۈرۈمچىگە يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن

  ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو چيەنكۈن كېداۋ گۇرۇھى باش شىركىتى 2015-يىلى قۇرۇلغان ھەمدە شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا، شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىلغانلىقتىن، جىلىن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، تور بېكىتى تاقىلىپ، ھېساباتى توڭلىتىلغان.

  نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر