- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ يىللىق مىقدارى 30 مىليارد پارچىدىن ئاشتى
2016.12.21 16:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 20-دېكابىرغىچە ئېلىمىزنىڭ 2016-يىللىق تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 30 مىليارد پارچىدىن ئېشىپ، داۋاملىق دۇنيادا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ مىقدارى جەمئىي 27 مىليارد 890 مىليون پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 52.8 ئاشقان؛ كەسپىي كىرىم 354 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %44.3 ئاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 11-ئايلىق تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 3 مىليارد 760 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %44.5 ئېشىپ، تارىختىكى «ئەڭ ئالدىراش تېز يەتكۈزۈش ئېيى» بولۇپ قالغان، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 125 مىليون پاچىدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.4 ھەسسە ئۆرلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر