- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، «بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش مەيدانىمىزدىن قىلچە تەۋرەنمەيمىز»، دېدى
2016.12.21 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 20- دېكابىر رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: فرانسىيە بىر جۇڭگو پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، ھەمدە بۇ مەيدانى «باشتىن ئاخىرى ئوخشاش، ناھايىتى ئېنىق»، دېدى.
فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئايرولت 14- دېكابىر فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ترامپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا خىرىس قىلىشى «ئاقىلانىلىك ئەمەس». ئۇ: «كېيىنكى كۈنلەردە، (ئامېرىكا) يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنىقسىز ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سوغۇققانلىق، مەسئۇلىيەتچان بىلەن ئىش كۆرۈشنى تولۇق ئۆگىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 12- دېكابىردىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ترامپنىڭ ئالاقىدار سۆزىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى قاتتىق توسقۇنلۇققا ۋە زىيانغا ئۇچرىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ يۈكسەك سەزگۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر