باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، تىرىشىپ ئالەم قاتنىشى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت ۋە دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2016.12.21 16:24   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، تىرىشىپ ئالەم قاتنىشى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت ۋە دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا«ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى ۋە «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ۋە تەتقىقات، سىناققا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالەم چەكسىز، ئىزدىنىشنىڭ مەڭگۈ چېكى يوق. ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتى كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنەلەيدۇ. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتىمىز. بۇ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان زور ئىستراتېگىيە. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسى پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ساھە، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسى نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە پەن-تېخنىكا ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭىلىق يارىتىلغان نەتىجىلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ۋە ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىجاد قىلىشىغا كۈچلۈك ئىلھام بەردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالى داغدۇغىلىق قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئۆپچۆرىسىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ۋە تەتقىقات، سىناققا قاتناشقان خادىملارنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پات-پات پىكىرلەشتى. ئۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، داۋاملىق يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر