- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيەنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى رۇسىيەنىڭ باش ئەلچىسىنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ باردى
2016.12.21 16:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
18 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن رۇسىيەنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى 20-دېكابىر تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەگە يېتىپ بېرىپ، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندىرو، كارىروفنىڭ 19- دېكابىر كەچتە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كارىروفنىڭ جەسىتىنى يۆتكەيدىغان مەخسۇس ئايروپىلان شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 20- دېكابىر چۈشتىن كىيىن موسكۋاغا قاراپ يولغا چىققان.
رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندىرو كارىروف ئەنقەرەدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلىپ بىر كۈندىن كىيىن، تۈركىيە رەھبىرى 20- دېكابىر، سۇرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، تۈركىيە رۇسىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش كومىتېتى قەستلەش ۋەقەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ. ئۇ يەنە، تۈركىيە ، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ شۇ كۈنى موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىشى توغرىسىدا توختالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر