باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 8-قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى

2016.12.21 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 8- قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشى 20- دېكابىر لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇنسۇن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. ياڭ جېچى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 21- ئەسىرگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ھاسىل قىلدى. جۇڭگو، ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇنسۇن مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش، ئاۋىياتسىيە، ئۇل ئەسلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت يولۇقۇۋاتقان زور خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  سۆزلىشىشتىن كىيىن ئىككى تەرەپ ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى باياناتىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر