باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نېفىتلىكتىكى قېرىنداشلار

2016.12.21 16:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11 – ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە قاقاس چۆللۈكتە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان سوغۇق شامال جاندىن ئۆتەتتى، لېكىن جەنۇبىي قۇملۇق(شانەن) مەشغۇلات رايونىنىڭ تەنھەرىكەت سارىيى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. شەرقىي جۇڭغار نېفىت ئېلىش زاۋۇتىنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى››نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككى تەرەپ 47 دە 47 نومۇر بىلەن ھەل قىلغۇچ پەيتتە تۇراتتى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان جەنۇبىي قۇملۇق مەشغۇلات رايونى كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ۋاڭ خۇڭۋېي جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى، تۆۋەندە تاماشىبىنلار قاتارىدا ئولتۇرغان بىرەيلەن ۋاڭ خۇڭۋېيدىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىۋاتاتتى، ئۇ پەستە تۇرۇپ مەيداندا توپ ئويناۋاتقان ۋاڭ خۇڭۋېيغا غەيرەت قىل، دەپ مەدەت بېرىۋاتاتتى. ئۇ دەل ۋاڭ خۇڭۋېينىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشى ئەنقەر راھمان ئىدى.

  2007 – يىلى ۋاڭ خۇڭۋېي بىلەن ئەنقەر راھمان شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي جۇڭغار نېفىت ئېلىش زاۋۇتىنىڭ جەنۇبىي قۇملۇق مەشغۇلات رايونىغا تەقسىم قىلىندى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

  2008 – يىلى ئىككىيلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىلىق ئىمتىھانىغا بىرلىكتە تەييارلىق قىلدى. ئەنقەر راھمان خەنزۇ تىلىدا ياخشى بولمىغانلىقتىن، ھەر قېتىم نەزەرىيە ئىمتىھان نەتىجىسى سەل كەملەپ قېلىپ، لاياقەتلىك بولالمىدى. بۇنى كۆرگەن ۋاڭ خۇڭۋېي ئۆزى يەكۈنلەپ چىققان سوئال – جاۋابنى يادلاش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتىنى ئەنقەر راھمانغا ئۆگىتىپ قويدى، ۋاڭ خۇڭۋېي ئۆگەتكەن ئۇسۇللارنىڭ ياردىمىدە ئەنقەر راھماننىڭ نەزەرىيە نەتىجىسىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى، ئىككىيلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىلىق ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

  2013 – يىل 8 – ئاينىڭ بىر كۈنى كېچىلىك ئىسمېنادا ئىشلەۋاتقان ۋاڭ خۇڭۋېي ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئاپتوموبىللىق چارلاشقا چىققاندا، ئاپتوموبىلنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتتى. قاقاس چۆللۈكتە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ۋاڭ خۇڭۋېي ئەنقەر راھمانغا تېلېفون قىلدى، ئەنقەر راھمان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بېرىپ، ۋاڭ خۇڭۋېينىڭ ئاپتوموبىل چاقىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى. بۇلتۇر ۋاڭ خۇڭۋېينىڭ ئاپىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن بېلىنى قايرىۋالدى، ۋاڭ خۇڭۋېي جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ئەنقەر راھمان ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئاپىسىنى ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

  ۋاڭ خۇڭۋېي مۇھەببەتلەشكەندە ئەنقەر راھمان يەنە ئۇنىڭغا قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگىتىپ قويدى، ۋاڭ خۇڭۋېي توي قىلغاندا ئەنقەر راھمان تولىمۇ خۇشال بولغانىدى، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ خەنزۇ دوستلىرىنىڭ توي مۇراسىمىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىدى.

  ۋاڭ خۇڭۋېي بىلەن ئەنقەر راھماننىڭ ھېكايىسى جەنۇبىي قۇملۇق مەشغۇلات رايونىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىر كارتىنىسى. بۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ يىراقتا تۇرۇۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر مىللەتلەر ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنى، قاقاس چۆللۈكتىكى ‹‹كىچىك ئائىلە››نىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ھېس قىلىپ تۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر