باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەسقەر توختى ۋە ئۇنىڭ 25 بالىسى

2016.12.21 16:41         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈلۈۋاتاتتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ شوپۇرى ئەسقەر توختى مەيداندىن ‹‹قىزى›› ليۇ باڭخۇينى ئىزدەۋاتاتتى.

  ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئەسقەر توختى 16 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھېساباتىغا سېلىۋەتكەنىدى. ئەسقەر توختى بۈگۈن دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بالىلارنى يوقلاپ باردى. ئەسقەر توختىنى كۆرگەن ليۇ باڭخۇي خۇشاللىقىدا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.

  بۇ قىز بىزگە: مەن ئەسقەر توختى ‹‹دادام››نى بەك ياخشى كۆرىمەن، نېمە ئۈچۈن دەمسىلەر؟ ئۇ دائىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ، مەن ھازىردىن باشلاپ ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولغاندا ‹‹دادام››غا جاۋاب قايتۇرىمەن، ئۇنىڭغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىمەن، دېدى.

  ئەسقەر توختى بۇ يىل 43 ياشتا بولۇپ، 2012 – يىلدىن بۇيان ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 25 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى. بۇلار خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ھەر مىللەت بالىلىرىدىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئولتۇرىدۇ، ئەڭ يىراقتىكى ‹‹قىزى›› لى شۈنلىنىڭ ئۆيى گۇاڭشىدا.

  2014 – يىلى 10 – ئايدا ئەسقەر توختى تېلېۋىزوردىن لى شۈنلى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، شىركەتتىن رۇخسەت سوراپ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ گۈيلىن شەھىرى شىڭئەن ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق لى شۈنلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ يىل 6 – ئايدا لى شۈنلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ئەسقەر توختى مەخسۇس گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ، شىڭئەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ‹‹قىزى››غا مەدەت بەردى.

  نەچچە يىلدىن بۇيان ئەسقەر توختى ياردەم قىلغان بالىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، لېكىن ئۇ ھازىرغا قەدەر بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ۋىيخۇلياڭ ئەتراپىدا 30 كىۋادرات مېتىرلىق بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ھەر ئايدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ پۇل يىغىدۇ، ئۆزى ھەر ئايدا 1000 يۈەنلا خىراجەت قىلىدۇ، ئۇچىسىدىكى چاپاننى كىيىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولدى، يېنىدىكى يان تېلېفوننى ئىشلىتىۋاتقىنىغىمۇ بەش يىل بولدى.

  لى شۈنلى بۇ يىل 9 – ئايدا گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئەھۋالىمىز تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، توختىماي ئىئانە تاپشۇرۇۋالدىم، لېكىن مېنى تۇنجى ‹‹تۇتۇق ئاتام›› ئەسقەر توختى يوقلاپ كەلدى. مەن بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم، ئۇ ماڭا 1000 يۈەن نەق پۇل ھەم شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىدىن ئالغاچ كەپتۇ، ئارقىدىن ئۇ يەنە ئوقۇش پۇلۇم ۋە تۇرمۇش خىراجىتىمنى ئۈستىگە ئالدى. كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە، ‹‹تۇتۇق ئاتام››غا چوقۇم جاۋاب قايتۇرىمەن، ئۇنىڭغا ساداقىتىمنى بىلدۈرىمەن.

  ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەسقەر توختى قىلىۋاتقان ياردىمىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مېھىر – مۇھەببەت يەتكۈزۈش جەريانى، بۇ ئىشتىن ھەرگىز قول ئۈزمەيمەن. بۇ بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مېھىر – مۇھەببەتكە ئېرىشىشىنى، تىرىشىپ ئوقۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر