- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
موڭغۇلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى دالاينىڭ زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.12.21 16:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
موڭغۇلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 20- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە: موڭغۇلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مىخئورجىد يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، موڭغۇلىيەنىڭ دىن بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ 14- دالاي لامانى تەكلىپ قىلمىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىنى، دىنى يوللار ئارقىلىق بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭمۇ دالاينىڭ موڭغۇلىيەگە كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: 14- دالاي لاما بۇندىن ئىلگىرى موڭغۇلىيەنىڭ گەندىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولغان. بۇ موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىدە پاسسىپ تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئەپسۇسلاندى. موڭغۇلىيە، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن توغرا يولغا ئىلىپ كېرىش ، ئالاقىدار سۆزلىشىشلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر