باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت بېرلىندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بايراملىق ئامانلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى

2016.12.21 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا 20- دېكابىر يۈك ئاپتوموبىلى روژىستوۋا بازىرىغا بۆسۈپ كىرىشتەك تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 12 كىشى قازا قىلدى، 49 كىشى يارىلاندى، خەلقئارا جەمئىيەت ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. شۇ كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىسيۇرىخ شەھەر مەركىزىدىكى بىر مەسچىتتە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 3 كىشى يارىلاندى، ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كىيىن، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەدبىر قوللىنىپ، بايرام مەزگىلىدىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 20- دېكابىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بېرلىندىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى. پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا، زۇڭلىسى شىدىئو 20- دېكابىر مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقلىشىپ تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەر قايسى دۆلەت پۇقرالىرىنى قوغدىشى كېرەك. بېلگىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ژانبان 20- دېكابىر مۇنداق دېدى: گېرمانىيەدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بېلگىيە ساقچى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەيرو 19- دېكابىر كەچتە مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بۇ زۇلمەتلىك ۋە ئازابلىق پەيتتە گېرمانىيە بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىتالىيە زۇڭلىسى گىنتىلونى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئالفانۇمۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ئەنگلىيە لوندون ساقچى تەرەپ 20- دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچى تەرەپنىڭ روژىستوۋا بايرىمى بىلەن يېڭى يىل مەزگىلىدە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ كونكرېت لايىھەلىرىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر