باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2016.12.22 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن 165 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەش- بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، ئەمگىكىگە لايىق ھەق ئالالايدىغان، كېسەل بولسا داۋالىنالايدىغان، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، تۇرالغۇغا ئىگە قىلىش جەھەتتە داۋاملىق يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۈسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «13-بەش يىللىق پىلان» پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن 165 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ شىمالدىكى رايونلارنىڭ پاكىز ئىسىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىقلاشتۇرۇش، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆي ئىجارە بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنى توسۇش، دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى دوكلاتلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بۇلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسى يەنىلا خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق ھەل قىلىشتا. خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چىقىش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش- يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشقا، ئۇزاق مۇددەتلىك ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ھەمدە يېڭى ئېشىشى نۇقتىسى خەق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىمالدىكى رايونلارنىڭ قىشتا پاكىز ئىسىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئالتە مەسىلىنىڭ ھەممىسى چوڭ ئىش، بۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى. شىمالدىكى رايونلارنىڭ قىشتا پاكىز ئىسىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىمالدىكى رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە، تۈتەكلىك كۈنلەرنىڭ ئاز كوپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابى، يېزا تۇرمۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. كارخانىنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، ئاھالىلەر بەرداشلىق بېرىش فاڭجېنى بويىچە، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ، پاكىز ئىسىنىش ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش- تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش-ئاددىي ھالدىكى مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى ھەقىقىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۆپەيتىش. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم كۈچى كاپىتال سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىش كېرەك. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، كونىسىنى بىكار قىلىپ، يېڭىسىنى يېتىلدۈرۈش، ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۆپەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىسلاھات، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانداق تۈزۈلمە توسىقى بولسا شۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى بىلەن بازارنىڭ رولىنى توغرا ئايرىش، بازار ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىكى ئىش بولسا، ھۆكۈمەت ئەلئارا كاپىتالنىڭ كىرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى، بازار سوبيېكيىتلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن تۈرلەرگە قاتنىشىشى ھەمدە پايدا ئېلىشىنى قوللىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر