باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نىزامى» نى ئېلان قىلدى

2016.12.22 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ «نىزام» 2017-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نىزامى» دا، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ چىقىش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى فۇنكسىيە، يېڭى بۇرچقا ماسلىشىپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «نىزام» نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇختا نازارەتچىلىك تورى سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «نىزام» جەمئىي 11 باب، 77 ماددا بولۇپ، ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ھوقۇقى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈرى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تەرتىپى ۋە خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «نىزام» دا ئارمىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىدە چوقۇم ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكى، قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، ئوبيېكتىپ-ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە باھالاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ ئارمىيەدە «دائىرە تەسىس قىلىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش، بىر تۇتاش ئەۋەتىش» تەك ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇن، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا مەسئۇل بولۇشى ھەم خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «نىزام» دا ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىنىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى، يېڭىدىن كۆپەيگەن سىياسەت، قائىدە-نىزام، شەكىلسىز مۈلۈك، باھا قىلمىشىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا پۇل ۋە مال-مۈلۈكنى كۆپ باشقۇرغان، زاپاسلار قاتارىغا كىرگەن، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان رەھبىرىي كادىرلار قاتارلىقلار ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر