باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 440 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

2016.12.22 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 440 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئىشلەپ، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۇچۇرلاشقان باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شەھەر -بازارلاردا پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 440 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، شەھەر-بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى شۇ يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى %85تىن ئاشۇرۇلىدىكەن؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار 50 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن؛ شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر 24 سائەت ھەرىكەتچان تۈگىتىلىدىكەن؛ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەيدىغان 30 مىڭ ئادەم كۆپەيتىلىپ، 90 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر