باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى كۈچ ئۇلاش ھەرىكىتى

شىنجاڭدا قاتناش ساقچىلىرى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىغا يول ئاچتى

2016.12.22 16:54   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا قاتناش ساقچىلىرى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىغا يول ئاچتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 21- كۈنى، يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۈچىيى سىرتىغا چىقىپ قالغانلىقتىن، ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا جىددىي يۆتكەش زۆرۈر بولغاندا، شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرى يولدا «يېشىل يول» ئېچىپ، بالىنى ئۆز ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشقا ئىمكانىيەت ياراتتى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16دە، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، مەلۇماتتا قاراقاش ناھىيەسى كوچى يېزىسىدىكى تۇغۇلغىلى بىر كۈن بولغان بىر بوۋاق ئاز ئۇچرايدىغان ئۈچەي سىرتقا چىقىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەرھال ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ داۋالاش كېرەك، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك، چوقۇم 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك، دېيىلگەن بولۇپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبلىك قۇتقۇزۇش كېچىكىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ساقچى تەرەپتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

  ئەھۋال مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ساقچىلىرى دەرھال ساقچى ماشىنىسى چىقىرىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان ماشىنا ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بويىدىكى ساقچى كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك يول تارماق ئەترەتلىرى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خوتەن، ئاقسۇ، بايىنغۇلىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قاتناش ساقچى تارماقلىرى يول بويى ساقچى كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يول باشلاشنى كۈتتى، ئالىي تاشيول تارماق ئەترىتى يەنە يول بويىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ تەييار يېمەكلىك ۋە روھلاندۇرىدىغان بۇيۇملارنى تەييارلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر