باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.12.22 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، «13-بەش يىل» لىق سەھىيە ۋە ساغلاملىق پىلانى ماقۇللاندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى؛ ئاپەتتىن كېيىنكى سۇچىلىقتكى ئاجىز ھالقىلار ۋە شەھەرنىڭ سۇ چىقىرىش، ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بېكىتىلدى؛ 2016-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسى تەستىقلاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي مەزمۇنى، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشنى ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پروگراممىسى بويىچە، يىغىندا «13-بەش يىل» لىق سەھىيە ۋە ساغلاملىق پىلانى ماقۇللىنىپ، ئاساسىي ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچىدىن، چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كېسەللىك خەۋپىنى باھالاش ۋە راكنى بالدۇر بايقاش-داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، روھىي كېسەللىكلەر، يەرلىك كېسەللىكلەر ۋە كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىممونىتېتلاش پىلانىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، روھىي كېسەللىك، ياشانغانلار تېبابىتى، پەرۋىش قاتارلىق جىددىي كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئاساسىي قاتلام ۋە كىلنىكىلىق مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى تۆۋەنگە مايىللاشتۇرۇش ۋە داۋالاش بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلار، مېيىپلەر، كۆچمە نوپۇستىكىلەر، نامراتلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، دورىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كلىنىكىلىق جىددىي ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى تەستىقلاپ بازارغا سېلىشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-جۇڭگو دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «ئالاقە تورى+داۋالاش» تىن تېخىمۇ زور دائىرىدە پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئاياللار-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، مائارىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى بايلىقنى مۇۋاپىق سەپلەش كېرەك. بەشىنچىدىن، ساغلاملىق كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش بايلىقى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمنىلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر