باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى كاربون تۆت ئوكسىدنى تەكشۈرۈش ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، يەر شارىنىڭ كاربون تۆت ئوكسىد قويۇقلىقىنى تەكشۈرۈش شارائىتى ھازىرلاندى

2016.12.22 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، 22-دېكابىر سائەت 3 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر-2» ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسىدىن يەر شارى كاربون تۆت ئوكسىدىنى تەكشۈرۈش ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كاربون تۆت ئوكسىد سۈنئىي ھەمراھى» دېيىلىدۇ) مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

  بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن كاربون تۆت ئوكسىد سۈنئىي ھەمراھى ئېلىمىزنىڭ يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ كاربون تۆت ئوكسىد مىقتارىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگۈرىشىدىن ئىبارەت خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئاتموسفېرادىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى يىراقتىن تەكشۈرۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقىرى يورۇقلۇق نۇرى ۋە يۇقىرى بوشلۇقتا كاربون تۆت ئوكسىدنى پەرقلەندۈرۈپ تەكشۈرۈش ئەسۋابى، كۆپ سپېكترلىك بۇلۇت ۋە ئائىروزول تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ، يەر يۈزى سانلىق مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىسپاتلاش سىستېمىسى ئارقىلىق، يەر شارى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىنى قەرەللىك ئىگىلەيدۇ، ئاتموسفېرا كاربون تۆت ئوكسىدنى تۈرلەندۈرۈش ئېنىقلىق دەرىجىسى 4ppm (يەنى مىليون ئۈلۈشلۈك قويۇقلۇق) تىن يۇقىرى بولۇپ، ئېلىمىزنى ئاتموسفېرا كاربون تۆت ئوكسىدىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر