باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.12.22 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىسادقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە-ئىقتىسادقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن 165 تۈرلۈك زور قۇرۇلۇش تۈرىدىكى ئىلگىرىلەش ھەم خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مەنىسىنى توغرا ئىگىلەش «تۇنجى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بەك مۇھىم. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇشتا سىجىل يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش تېخىمۇ مۇھىم.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە -ئىقتىسادقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىسادقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىسادقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن 165 تۈرلۈك زور قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، شۇنداقلا دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ شىمالدىكى رايونلارنىڭ قىشتا پاكىز ئىسسىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى چىقىرىندىلارنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازارلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەم ئۆي-زېمىن كۆپۈكىنى چەكلەش توغرىسىدىكى دوكلاتى، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر