باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆلكە ئاتلاپ داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى مەملىكەت بۇيىچە توردا ھېسابات قىلالايدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولدى

2016.12.22 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- دېكابىر، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش ۋە باشقا جايدا داۋالانغانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى توردا ھېسابات قىلىش تېلېۋىزىيەلىك يىغىنى ئاشتى ھەمدە بېيجىڭ قاتارلىق 22 ئۆلكە شەھەر بىلەن بىر قاتاردا تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرش ۋە باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ھېسابات قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، خۇنەن، جىلىن ۋە شىنجاڭ قاتارلىق 22 ئۆلكە شەھەرلەر داۋالاش ئورگانلىرىنى مەملىكەت بۇيىچە تورلاشتۇرۇش، ئۆلكە ئاتلاپ جايلاشقان پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش راسخوتىنى بىۋاسىتە ھېسابات قىلىشنى يولغا قويۇپ، 2017- يىلى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋالاشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ھېسابات قىلىشقا پەيدىنپەي كېڭەيتىپ، ئۇزۇن مۇددەت باشقا جايدا تۇرىدىغان خادىملارنى ۋە باشقا جايدا دائىم تۇرىدىغان خىزمەتچى خادىملارنى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش راسخوتىنى بىۋاسىتە ھېسابات قىلىش دائىرىسىگە كىرگۇزىدىكەن.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، شىنجاڭدا دائىم ھەرقايسى ئۆلكە ئاپتونوم رايوندا تۇرىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىدىن تەخمىنەن 54 مىڭى بار ئىكەن. باشقا جايغا ئورۇنلاشقان 11 مىڭ خادىم بار ئىكەن. 2016- يىلى 11- ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىچىدە، باشقا جايدا داۋالىنىش بىۋاسىتە ھېساباتى بىر مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم سانى، ھېسابات قىلىنغان داۋالىنىش راسخوتى ئىككى مىليارد 50 مىليون يۈەن بولغان. شىنجاڭنىڭ سىرتىدا باشقا جايدا داۋالىنىش بىۋاسىتە ھېساباتى 474 ئادەم قېتىم سانى، ھېسابات قىلىنغان داۋالىنىش راسخوتى توققۇز مىليون يۈەن بولغان. «بىر ئۆلكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان» باشقا جايدا داۋالىنىش سۇپىسىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر