باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاكسىلار يولغا چىقتى

2016.12.22 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، قومۇل شەھىرى كوچىلىرىدا بىر تۈركۈم كۆك رەڭلىك تاكسىلار نامايان بولدى. بۇ بىر تۈركۈم تاكسىلار شىنجاڭغا تۇنجى تۈركۈمدە كىرگۈزۈلگەن توكنى يېقىلغۇ قىلىدىغان تاكسىلار ھېسابلىنىدۇ.

  پۈتۈنلەي توكتا ماڭىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاكسىلارغا ئېلېكتىر ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان چاق ئورنىتىلغان بولۇپ، ھېچقانداق بۇلغىما قويۇپ بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا تەننەرخى تۆۋەن، يۈرۈش مۇساپىسى ئۇزۇن بولۇپ، باتارىيەسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالونى مۇھەررىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ خىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاكسىلارغا ئىككى سائەت ئەتراپىدا توك قاچىلىنىدىغان بولۇپ، توك تولۇق قاچىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن 300 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول يۈرەلەيدىكەن، بۇ، تاكسىلارنىڭ بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرالايدىكەن.

  قومۇل شەھىرىدە تاكسىدىن باشقا يەنە 14 دانە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئاپتوبۇسلارغا توك تولۇق قاچىلانغاندىن كېيىن، 180 كىلومېتىردىن 200 كىلومېتىرغىچە يول يۈرەلەيدىكەن.

  قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاممىۋىي قاتناش باش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى زوۋ پېڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم قومۇل شەھىرى 60 دانە يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاكسى ۋە 30 دانە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس كىرگۈزگەن بولۇپ، نۆۋەتتە، 30 تاكسى يولۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋېتىپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر