خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21- دېكابىر، مېكسىكا ئىشتاتى تۇلتېپېك شەھىرىدە، تەكشۈرگۈچى خادىملار پوجاڭزا بازىرىدىكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا 20- دېكابىر پوجاڭزا بازىرى پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر ئۆلگەن ئادەم سانى 29غا يەتتى. پارتلاش يۈز بەرگەندىن كىيىن بۇ بازار پۈتۈنلەي دىگۈدەك خارابىگە ئايلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى