باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسۇلدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئاز دىگەندە 25 ئادەم قازا قىلدى

2016.12.23 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 22- دېكابىر موسۇلنىڭ شەرقى قىسمىدا ئارقا-ئارقىدىن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندە 25 ئادەم قازا قىلغان. قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە پۇقرالار ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە ئونلىغان ئادەم يارىلانغان.

  موسۇل ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ، 2014- يىلى 6- ئايدا رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» تەرىپىدىن ئشغال قىلىنغان. نۆۋەتتە، موسىۇل بولسا، «ئىسلام دۆلىتى» تەرىپىدىن ئىراق چىگراسى ئىچىدە كونتىرول قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى شەھەر، شۇنداقلا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىراق چىگراسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بازىسىدۇر. بۇ يىل 10- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئىراق ھۆكىمىتى موسۇلغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر