باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايەتچىلىرىگە ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ

2016.12.23 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى دېلولىرىنى سوت قىلغاندا كونكرېت قانۇننى تەدبىقلاشقا ئالاقىدار بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى يەشمىسى» ئېلان قىلىندى، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئەدىلىيە يەشمىسىدە مۇنداق بەلگىلەندى: بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلارنى ئالداش، ئازدۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارنى ھامىيلىرى ياكى باققۇچىلىرىدىن ئايرىۋەتكەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 240-ماددىسىنىڭ 6-تارمىقى بويىچە «بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلارنى ئوغرىلاپ سېتىش» جىنايىتى سادىر قىلغان بولىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 240-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بوۋاقلار ۋە بالىلارنى سېتىش مەقسىتىدە ئوغرىلىغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ ھەم مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

  ئەدلىيە يەشمىسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە داۋالىغان، پەرۋىش قىلغان، كۈتكەن بالىلارنى باشقىلارغا ساتقانلار بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. لايىق تونۇشتۇرۇش نامى بىلەن، باشقىلارنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى قانۇنسىز تۇتىۋېلىش، باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ياكى ئاياللارنىڭ شۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى، تىلىنى بىلمەسلىكى، يار-يۆلەكسىزلىكى قاتارلىق ئەھۋاللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇلارنى باشقىلارغا ساتقانلارنىڭ ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. لايىق تونۇشتۇرۇش نامى بىلەن، تونۇشتۇرۇلغۇچى ئاياللار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ باشقىلاردىن ئالداپ ئېلىۋالغان مال-مۈلۈك سوممىسى كۆپ بولغانلارنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر