باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى

2016.12.22 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جىلىن قاتارلىق جايلار بۇ يىللىق كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئارقا ئارقىدىن ئېلان قىلدى. 7-دېكابىرغىچە بېيجىڭ، شاڭخەي، شەندۇڭ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، تيەنجىن، شىنجاڭ، سىچۈەن، يۈننەن،شەنشى، جياڭشى، خېبېي، نىڭشيا، گۇاڭشى،گەنسۇ قاتارلىق 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بۇ يىللىق كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە جايلارنىڭ ئاساسىي ئۆلچەم سىزىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %8 بولدى، بۇ سەۋىيە ئۆتكەن يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تۆۋەن.

  نېمە ئۈچۈن كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىدا تۆۋەنلەش كۆرىلىدۇ؟ ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، مائاش يېتەكچى سىزىقىنىڭ تەڭپۇڭ ياكى تۆۋەن بولۇشى شۇ مەزگىلدىكى ماكرو ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن بىردەك بولغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2014-يىلىدىن بۇيان، جايلار مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئۇدا تۆۋەنلەتتى، بۇ ماكرو ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ بىر قەدەر زور ئىكەنلىكى، كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش تەننەرخىنىڭ ئۆسكەنلىكى ھەمدە پايدا بوشلۇقىنىڭ تارايغانلىقىدىن ئىبارەت رېئال ئەھۋاللارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بىراق كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنىڭ تۆۋەنلىشى مائاشنىڭ مەنفى ئاشقانلىقىدىن ئەمەس، مائاشنىڭ ئۆسۈشى بىر ئاز ئاستا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى تەرەققىيات تەتقىقات جەمئىيىتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ شىلياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىدە جايلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقى بىر ئاز تۆۋەنلىدى. بىراق تۆۋەنلەش دەرىجىسى زور ئەمەس، بۇ ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرىتى ئاستا، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئېنېرگىيەنى ئالماشتۇرۇش ھادىسىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، مائاش خاراكتېرلىك كىرىم يەنىلا مۆتىدىل ئېشىش ھالىتىدە تۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر