باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى كۇنلۇن پونكىتى ئەترىتى تەيشەن پونكىتىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى

2016.12.22 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ 33-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى كۈنلۈن پونكىتى ئەترىتى بەش كۈن جاپالىق يول يۈرۈش ئارقىلىق شۇ يەر ۋاقتى 20-دېكابىر سائەت 15 تە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى تەيشەن پونكىتىغا يېتىپ باردى.

  كۇنلۇن پونكىتى ئەترىتى 15-دېكابىر جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى جوڭشەن پونكىتىغا يېقىن جايدىن يولغا چىقىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن 1300 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، جەنۇبىي قۇتۇپ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى مۇز قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولغان A رايون، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئىگىز بولغان كۇنلۇن پونكىتىغا قاراپ مېڭىپ، چوڭقۇر مۇز پىلتىسىنى بۇرغۇلاپ تەكشۈرۈش؛ گېئودېزىيىلىك ئۆلچەش، مۇز قاپلىمىسىنى مۇزلۇق ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قاتارلىق پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇردى.

  تەيشەن پونكىتى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتا قۇرۇلغان 4-ئىلىمى تەكشۈرۈش پونكىتى بولۇپ، جوڭشەن پونكىتى بىلەن كۈنلۈن پونكىتىنىڭ ئارىسىدا، جوڭشەن پونكىتىغا تەخمىنەن 520 كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭشەن پونكىتىدىن كۇنلۇن پونكىتىغا بېرىشتىكى ئۆتەڭ.

  پىلان بويىچە جۇڭگونىڭ 33-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلىمى تەكشۈرۈش ئەترىتى كۇنلۇن پونكىتى ئەترىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرى كۇنلۇن پونكىتىغا بارىدۇ ھەمدە ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن شۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى كۇنلۇن پونكىتىدىن جوڭشەن پونكىتىغا قايتىپ كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر