باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ 2020-يىلىغىچە 5G بىلەن قاپلىنىشىدىن ئۈمىد بار

2016.12.22 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ لىدىرى لى يۆ 20-دېكابىر مۇنداق دېدى: ئېلىمىز كېلەر يىلى بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدىكى 5G ئۆي سىرتى تېخنىكا سىنىقىنى قانات يايدۇرىدۇ، 2018-يىلى 5G نىڭ كۆلەملىك سىنىقى ۋە سودىدا ئىشلىتىش سىنىقىغا تۈرتكە بولىدۇ، 2020-يىلى مەملىكەت دائىرىسىنى سودىدا ئىشلىتىدىغان 5G بىلەن قاپلاپ بولىدۇ.

  نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى 4G ئابونتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شاڭ بىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ 4G ئابونتى 500 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى بىر مىليون 460 مىڭ 4G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇپ، بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنى قاپلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا-بازاردىن يۇقىرى جاينى تۇتاش قاپلاش ۋە مەمۇرىي كەنتلەرنى نۇقتىلىق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، 4G ئابونتى 510 مىليونغا يەتتى، ئېلىمىزدە %69 4G ئابونتى بار، دۇنيادىكى ھەر ئۈچ 4G ئابونتىنىڭ بىرى جۇڭگولۇق بولدى.

  4G تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى-كۆچمە ئىنتېرنېت دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى شۇنداقلا 5G دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ لىدىرى لى يۆ مۇنداق دېدى: 5G تېخنىكىسى تېز سۈرئەتلىك تورغا تايىنىپ، شەيئىلەر ئالاقىسى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن شەيئى، شەيئى بىلەن شەيئىلەرنى باغلاپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق ئىشىمىز يەنىلا 5G تېخنىكىسىنى سىناش، بىز 5G تېخنىكىسىنى سىناش ئاساسىدا، كېلەر يىلى بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدىكى 5G ئۆي سىرتى سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز، بىز 2018-يىلى 5G نى سودىدا سىناق ئىشلىتىش، كۆلەملىك سىناق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىمىز-دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا ئاساسەن، 2020-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىنى سودىدا ئىشلىتىدىغان 5G بىلەن قاپلاش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر