خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى) ئومۇمىي خەلق تەن سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى يېڭئۆستەڭ يېزىسى تېزلىكتە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش يېشىل كارىدورى ئېچىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىشىگە ياردەم بەردى. بۇ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى، كۆپچىلىك پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن مىننەتدار بولدى.
ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا قەشقەر شەھىرى يېڭئۆستەڭ يېزىسىنىڭ 12-كەنتىدىكى 56 ياشلىق تۇرغۇن ئابلانىڭ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالدى. يېزىلىق شىپاخانىدىكى دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ ئۇنى دەل ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىشى بىلەن، تۇرغۇن ئابلا دەل ۋاقتىدا يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، ھازىر ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.
10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر شەھىرى يېڭئۆستەڭ يېزىسى يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانىدا ئومۇمىي خەلق تەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭئۆستەڭ يېزىسىدىكى پۇقرالارنى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن قىلىپ، يۇرتداشلارنى ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ، كېسلىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىنىپ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ بەختىيارلىق كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.
سۈرەتتە: يېڭئۆستەڭ يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانىدىكى دوختۇرلار ئائىلىلەرگە بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى